گېرمانىيەدە يەنە بىر جامەگە پارتلاتقۇچ ماددا ئېتىلدى

جامەدە قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى. ۋەقە جەريانى جامەنىڭ بىخەتەرلىك سىنئالغۇ قەيتلىرىدىن ئېنىقلاپ چېقىلدى.

577846
گېرمانىيەدە يەنە بىر جامەگە پارتلاتقۇچ ماددا ئېتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ دىرېسدېن شەھىرىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك – ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق فاتىھ جەمەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 دە جامەدە قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى. ۋەقە جەريانى جامەنىڭ بىخەتەرلىك سىنئالغۇ قەيتلىرىدىن ئېنىقلاپ چېقىلدى.

سىن كۆرىنىشىدە، جامە ئىمامىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىر كىشى شىشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەرسىلەرنى قويىدۇ. ئارقىدىن پارتلاش يۈز بېرىدۇ. پارتلاشتىن كېيىن ئەتراپ ئوت ئېلىپ، قوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوت ئۆچۈرىۋېلىنىدۇ.

دىرېسدېندىن 200 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى پايتەخت بېرلىندە تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش كونسۇلى ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال نەخ مەيدانغا يېتىپ باردى. 

باش كونسول ئەھمەت باشار شەن ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ بىردىن - بىر سۆيۈندۈرگەن خەۋەر بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئالاقىدار مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالدى. گېرمانىيە دائىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى تولۇق ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەھمەت باشار شەن جاۋابكارلارنىڭ بالدۇرراق قولغا ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى ئاخىرىغىچە تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەخ مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار، بىر كىشىنىڭ پارتلاشتىن كېيىن موتىرسىكلىت بىلەن رايوندىن قاچقانلىقىنى ساقچىلارغا خەۋەر قىلدى.

ۋەقەدە مولوتوف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئىشىلتىلدىمۇ ياكى باشقا پارلاتقۇچمۇ؟ جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە.

گېرمانىيەدە 3 كۈن ئىلگىرىمۇ ھېسسېن ئۆلكىسىنىڭ بەبرا شەھرىدە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك – ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق مىمار سىنار جامەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك – ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيىتى بىناسىغا مولوتوف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە) ئېتىلغان ۋە بىنانىڭ ئالدى قىسمىدا 10 مىڭ ياۋرولۇق ماددىي زىيان بارلىققا كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر