ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدا يەر تەۋرىدى

كيودو ئاگېنتلىقى رىچتېر ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئوكىناۋا ئارىلىدا 5.7 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

577155
ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقى تۇنجى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن 5.7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن، جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىي يەر تەۋرەشنىڭ ئوكىناۋاغا قاراشلىق ناگو شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 113 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنمىدى.

تىنچ ئوكياننىڭ ئوت چەمبىرى يەر تەۋرەش ۋە ۋولقان چەمبىرىكى ئىچىگە جايلاشقان ياپونىيە، 2011-يىلى 11-مارت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. توققۇز بالدىن چوڭ بولغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىدا، 19 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، مىڭلارچە ئادەم يارىلانغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىي ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. 14-15-ئاپرېل كۈنلىرى يۈز بەرگەن 6.4 ۋە 7.1 بال يەر تەۋرەشتە بولسا، جەمئىي 45 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر