ئاۋستىرالىيە رۇسىيەنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىردى

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى مالكولم تۇرنبۇل رۇسىيەنى سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

577369
ئاۋستىرالىيە رۇسىيەنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سىننېيدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە بۇزۇلغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ شىددەتلىك تۈسكە كىرگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بولۇپمۇ، رۇسىيەگە چاقىرىق قىلىمىز. شەك شۈبھىسىزكى، رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا بويسۇنۇشىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.»

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرانغا ئوخشاش قوللىغۇچىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاشقا مەجبۇرلىشى ۋە ئىجرا قىلغۇزۇشى لازىم» دېدى. ئۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ تىراگېدىيە ئىكەنلىكىنى ۋە ھەلەبنىڭ يوق بولۇش خەتىرىگە دۇچا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىنسانىيەت نامىدا ھەلەبتە ياشايدىغان خەلققە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى لازىم.»

ئاۋستىرالىيە تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىدە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە ھاۋادىن ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر