ب د ت يىغىنىدا چوڭ دۆلەتلەر سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەشتى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەشتى.

576884
ب د ت يىغىنىدا چوڭ دۆلەتلەر سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە بۆھرانى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە يەنە بىر قېتىم جىددىي يىغىن چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنى ئەسەدنىڭ ھەلەبتە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىشىغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

يىغىننىڭ بېشىدا سۆز قىلغان ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتففان دې مىستۇرا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىستۇرا خەلقنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى ۋە ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلگەن بومبا تۈرلىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەسەد بىلەن رۇسىيەنىڭ تېررورىزىمنى باھانە قىلىپ ھەلەبنى بومباردىمان قىلىشلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «200مىڭدىن ئارتۇق كىشى قانداقمۇ تېررورچى بولسۇن.»

بۇ ئۇرۇشتا ھېچكىمنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن مىستۇرا سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئەگەر ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىسا توقۇنۇشلاردا ھېچكىم غەلىبە قىلالمايدۇ، يوقىتىپ قويىدىغان يەنىلا سۈرىيە خەلقى بولىدۇ.»

مىستۇرا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرستىشكە چاقىردى. ئىستېپا چاقىرىقلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان مىستۇرا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىستېپا بېرىدىغان بولسام، سۈرىيە خەلقىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىك سىگنالىنى بەرگەن بولىمەن، بۇ سەۋەبتىن ئىستېپا بەرمەيمەن.»

ئامېرىكىنىڭ دائىمىي ئەلچىسى سامانتا پاۋۇرمۇ، ھەلەبنىڭ شەرقىدە ئادەملەرنىڭ بومباردىمان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆلىۋاتقانلىقىنى، مۇھاسىرە سەۋەبىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مەھەللىلەرنىڭ ئاچارچلىق ئىچىدە قالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدىن سۇدىن ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە پايدىلانماسلىقنى تەلەپ قىلغان پاۋۇر يەنە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە قىلغان ئەتكەنلىرى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى ياۋايىلىقتۇر.»

ئامېرىكىلىق باش ئەلچى ھەلەبنىڭ شەرقىدە 275 مىڭ كىشىنىڭ رۇسىيە  بىلەن ئەسەدنىڭ ھۇجۇم نىشانىدا ئىكەنلىكىنى، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئەڭ ئاز 139 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «رۇسىيە بىلەن ئەسەد تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇرۇشنى تاللىماقتا، خەلققە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا ياردەم ئەترەتلىرىنى بومباردىمان قىلىماقتا.»

فىرانسىيە ئەلچىسىمۇ رۇسىيە بىلەن ئەسەدنى بۇرۇنراق ئۇرۇشنى توختىتىشقا، ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن كۆزىتىش مېخانىزىمىسى بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

غەربلىك باش ئەلچىلەر سۈرىيەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان رۇسىيەنى چوقۇم جازالاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئەلچىسى ھەلەبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بەرگەن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى: « ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بىزلا قەدەم تاشلىمايمىز.»

سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يولغا قويۇشنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى ئەسكەرتكەن رۇسىيە ئەلچىسى ۋىتالاي چۇرىن، سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشىنى ئەمەلىيەتتە غەربلىكلەرنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ سۆز قىلىپ، ھەلەبتە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بومباردىمانلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ۋەھىيمىلىشىپ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بان كىمۇن يەنە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنىمۇ ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر