لوندوندا «ئەركىنلىك پاراخوتلىرى» نى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا غەززەگە ياردەم ئېلىپ ماڭغان «ئەركىنلىك پاراخوتلىرى» نى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

576531
لوندوندا «ئەركىنلىك پاراخوتلىرى» نى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ بەزى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرى بىلەن ئەنگلىيەلىك پائالىيەتچىلەر، ئىجارىگە ئالغان بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، تېيمس دەرياسىدا ‹ئەركىنلىك پاراخوتلىرى› نى قوللاپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتچىلەر «سۈكۈناتنى بۇز، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆت»، «ئەركىن غەززە» دېگەندەك شوئارلار بىلەن ئەركىنلىك پاراخوتلىرىغا قېتىلغان كېمىلەر- زەيتونە ۋە ئەمەلنىڭ ناملىق يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈردى.

پائالىيەتچىلەر پەقەت پەلەستىن بايرىقىلا كۆتۈرۈلگەن پائالىيەت دائىرىسىدە كېمە بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. بەزى ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ پائالىيەتلەرگە پەرزەنتلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلغانلىقى كۆرۈلدى.

غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغان ئەركىنلىك پاراخوتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان 4- پاراخوتىدا تۈركىيەدىن ماۋى مارمارا شېھىتى چەتىن توپچۇئوغلۇنىڭ رەپىقىسى چىگدەم توپچۇئوغلۇ قاتارلىق 14 مىللەتتىن 15 ئايال بار.

پاراخوتلار ئەترىتىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى غەززەگە يېتىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر