باغداد يەنە ئادەم بومبا بىلەن قانغا بويالدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 8 ئادەم ئۆلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

576551
باغداد يەنە ئادەم بومبا بىلەن قانغا بويالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا بىر ئادەم بومبا كۆپچىلىكنىڭ ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۈستىدىكى بومبىنى پارتىلتىپ 8 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن سىرت، 20 ئادەمنى يارىلاندۇردى.  

ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باغدادتا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈن نىسپىدىن باشلاپ نۇرغۇن جايدا يوللارنى قاتناشقا توسۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى، بۇنىڭدىن تاشقىرى، نۇرغۇن ئەسكەر ۋە ساقچى باغدادنىڭ كوچىلىرى بىلەن شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر