ب د ت بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقى ھەمكارلىق ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە كېلىشىم تۈزدى.

576613
ب د ت بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقى ھەمكارلىق ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بېرىلگەن باياناتتا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ ئەل-گايىت، ب د ت نىڭ 71-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان نىيۇيوركتا ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن ئىككى تەشىكىلاتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا گايىتنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇراشەرقتىكى كىرزىسلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، بۇنىڭ تىپىك مىسالى ب د ت لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە 8-سېنتەبىردە چاقىرىلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 146-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بېكىتىلىشىدۇر.»

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىرىنىڭ پەلەستىن، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە يەمەن ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق، كېڭەش ۋە تەشكىللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەبۇ گايىتنىڭ باياناتچىسى مەھمۇد ئەل-ئافىفىمۇ، يېڭى كېلىشىمنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش، تېرروىزىم ۋە چېگرالاردا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش، تىنچلىق بەرپا قىلىش، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى قوللاش، كۆچمەن ۋە مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشقا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېڭى كېلىشىمنىڭ مەۋجۇت ۋە بولغۇسى تەھدىتلەرگە قارشى ئىككى تەشكىلاتنىڭ يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقلىرىنى مەزمۇن قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئافىفى مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «مەزكۇر كېلىشىم پەلەستىن مەسىلىسىدىن سىرت سۈرىيە، لىۋىيە ۋە يەمەن بۆھرانلىرى بولۇپ ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تۈزۈلدى.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 2016-يىلى 21-مايدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەمكارلىق ۋە ئورتاق خىزمەت ئىشلەش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر