يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى ئامېرىكىدا قاتتىق تەنقىد قىلىندى

ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىىپاقى ۋە بىرلەشەكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تەركىپ تاپقان «ئوتتۇرا شەرق 4 تەرەپ گۇرۇھى» يوھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تىنچلىققا چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

576160
يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى ئامېرىكىدا قاتتىق تەنقىد قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرق 4 تەرەپ گۇرۇھى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تەركىپ تاپقان «ئوتتۇرا شەرق 4 تەرەپ گۇرۇھى» يوھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تىنچلىققا چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇيوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىر يەرگە جەم بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.

يېغىنغا كېيىنچە، فىرانسىيە ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ قاتناشتى.

يېغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

دوكلاتتا، «يەھۇدى ئولتۇراق رايون مەركەزلىرى 2 دۆلەتلىك ھەل قىلىش پۇرسىتىنى خەتەرگە ئىتتىرمەكتە» دېيىلدى ۋە رايوندا زوراۋانلىقنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن ئايرۇلت مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پەلەستىن مەسلىسىگە دائىر پارىژدا بىر كېڭەش يېغىنى چاقىرىشقا تىرىشۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسىرمۇ «زېمىن بەدىلىگە تىنچلىق» پىرىنسىپىغا بىنائەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئېسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ رولنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش تەكلىپىدە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر