رومىنىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 2 كىشى يارىدار بولدى ۋە بەزى بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى

ئاسى شەھىرىدە يەر تەرەشتىن كېيىن كىشىلەر كوچىلارغا چىقىۋالدى.

576239
رومىنىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 2 كىشى يارىدار بولدى ۋە بەزى بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رومىنىيەنىڭ شەرقىدە 5.6 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا گىئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يەر يۈزىدىن 88 كېلومېتىر چۇڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ نېرېجۇ رايونىنىڭ غەربىي قىمىسدا 7 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. 

جىددىي ھالەتلەرگە مەسئۇل خادىم سىلۋىيا بولوھان رومىنىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Agerpres» كە بەرگەن باياناتىدا يەر تەۋرەش جەريانىدا ئاسى شەھىرىدە ئىككى كىشىنىڭ يېنىك يارىدار بولغانلىقىنى ۋە بىنالارنىڭمۇ يېنىك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسى شەھىرىدە يەر تەرەشتىن كېيىن كىشىلەر كوچىلارغا چىقىۋالدى.

يەر تەۋرەش پايتەخت بۈكرەشتىن باشقا يەنە بىراشوۋ ۋە كىرائوۋا شەھەرلىرىدىمۇ ھېس قىلىندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر