گىرېتسىيە قاچقۇن ئەسكەرلەر توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

گىرېتسىيە دائىرىلىرى، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنلا گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ ئارىلىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن ئەسكەرلەر توغرىسىدا قارار چىقاردى.

574423
گىرېتسىيە قاچقۇن ئەسكەرلەر توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن 8 ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ئەسكەرنىڭ ئۈچىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىندى.

مەزكۇر ئۈچ ئەسكەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى سوتقا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئىلتىماس سۇنۇش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى يوق. قالغان بەش قاچقۇنغا مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىش مۇساپىسى داۋام قىلماقتا.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنلا 8 ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ئەسكەر گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ ئارىلىغا قېچىپ بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەنىدى.

خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئاتىنادىكى بىر تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى قاچقۇن ئەسكەرلەر، پاناھلىق تەلەپلىرى توغرىسىدا قارار چىقىپ بولغۇچە نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

تۈركىيە، مەزكۇر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى ئەسكەرلەرنى 4 ئايرىم جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر