نىيۇ يوركتىكى پارتلاشنىڭ گۇماندارى ئەھمەتخان كىم؟

ئەسلى ئافغانىستانلىق ئامېرىكا پۇقراسى ئەھمەتخان راھامى نىيۇ يورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى گۇمانى بىلەن تۇتۇلدى.

573764
نىيۇ يوركتىكى پارتلاشنىڭ گۇماندارى ئەھمەتخان كىم؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 29ئادەمنى يارىدار قىلغان 28 ياشلىق ئەخمەتخان راھامى نىيۇ يوركقا قوشنا نىيۇ جېرسىيدا ئائىلىسى بىلەن ياشايدىغان بولۇپ، بىر قىزارتىلغان توخۇ رېستورانىدا ئىشلەيدىكەن. ئۆيى ئۆزى ئىشلەيدىغان رېستوراننىڭ ئۈستىدە ئىكەن.

ئۇ دوستانە بىرى بولۇپ، رېستوراننىڭ دائىملىق خېرىدارىدىن بىرى بولغان رىتان مىككان ئەھمەتخاننىڭ «دوستانە بىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ھەپتىدە بىر قېتىم رېستورانغا باراتتىم. ھازىرغىچە راھامىدا ئالاھىدە بىر نەرسە بايقىمىدىم، ئامېرىكىغا كۆنۈپ قالغان بىر ئائىلىگە ئوخشايتتى. ماشىنىنى ياخشى كۆرەتتى، < Honda Civic> بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، تېز ھەيدەشنى ياخشى كۆرەتتى. ھەردائىم ماشىنا توغرىلىق گەپ قىلاتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر