تايلاندتا مۇسۇلمانلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كەتتى

تايلاندتا مۇسۇلمانلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىپ 15 ئادەم قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

572784
تايلاندتا مۇسۇلمانلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندتا قۇربان ھېيت پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغان مۇسۇلمانلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 15 ئادەم قازا قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى ئايۇتھايا شەھىرىگە قاراشلىق مۇئاڭ رايوندىكى چاۋ پىرايا دەرياسىدا مەيدانغا كەلگەن كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 46 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 10نىڭ ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ۋەقەدە يوقاپ كەتكەن 10 كىشىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا، يوقاپ كەتكەنلەر ئىچىدە كاپىتاننىڭ بارلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

تاختاي بىلەن ياسالغان كېمىنىڭ ئەسلىدە 50 كىشىلىك ئىكەنلىكى، بىراق بۇ قېتىم 150 كىشىنى ئېلىپ ماڭغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋەقەنىڭ بۇ كېمىنىڭ باشقا بىر كېمە بىلەن سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىردىنلا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ دەريا بويىدىكى سىمونت يولغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر