ئوباما پىرېزىدېنت نامزاتى تىرامپنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى تىرامپنى تەنقىد قىلدى.

572286
ئوباما پىرېزىدېنت نامزاتى تىرامپنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد تىراپمنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

باراك ئوباما پايتەخت ۋاشىنگىتوندا قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ  ۋەكىللىرى قاتناشقان ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتونغا «يېتەكچى مۇكاپاتى» بېرىلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلدى.

جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتىنى ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ تەنقىد قىلغان ئوباما مۇنداق دېدى: «پۇقراۋى ھەق ھوقۇقلارغا ۋە باراۋەرلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىشچى قاتلىمىنى چەتكە قاققان بىرىدۇر.»

تىرامپنىڭ «ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ قارا تەنلىك ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئەڭ ناچار مەزگىل ئىكەنلىكى»تەرىقىسىدىكى سۆزىگە قارشى چىققان باراك ئوباما، قارا تەنلىكلەرنىڭ تارىخىدىن بەزى مىساللارنى بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئۇ زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇزېي بار، ئەگەر ئۇ بۇ مۇزېينى زىيارەت قىلسا مەسىلىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىپ يېتىدۇ، ئۇنىڭغا مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەرسىلەرنى ئۆگىتىشىمىز مۇمكىن.»

ئوباما ئۆي-مۈلۈك مىلياردېرىنىڭ ئىلگىرى ئۆزى توغرۇلۇق «ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغان»دېگەن  قارىشىنى كېيىنكى كۈنلەردە قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «سايلاملارغا 124 كۈن قالغاندا بۇ تۇغۇلغان جاي مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولدۇق.»

ئامېرىكا تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم سايلاملىرىنىڭ بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقاندا دائېش، شىمالىي كورېيە، نامراتلىق ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پىرېزىدېنت ئوباما، تىرامپنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى.

ئوبامادىن بۇرۇن سەھنىگە چىققان ھىلارىي كىلىنتونمۇ سۆزىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز سىزنىڭ ئامېرىكىلىقلا ئەمەس، بىر بۈيۈك ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ ئوبدان بىلىمىز.»

ئامېرىكدا 8-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان 58-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا 2 ئايغا يېقىن ۋاقىت قالغاندا كىلىنتون بىلەن تىرامپ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، راي سىناشلاردا ئىككى رەقىبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئاز پەرقنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئاخىرقى راي سىناشتا كىلىنتوننىڭ 2 نومۇر پەرق بىلەن تىرامپنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلسىمۇ، بەزى مۇھىم ئىشتاتلاردا رەقىبى تىرامپنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر