خىتايدا تەيفېڭ بورىنى يۈز بېرىپ 28 ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئۆلكىلەردە تەيفېڭ بورىنى يۈز بېرىپ نۇرغۇن زىيان كېلىپ چىقتى.

572383
خىتايدا تەيفېڭ بورىنى يۈز بېرىپ 28 ئادەم ئۆلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا يۈز بەرگەن «مېرانتى»ناملىق تەيفېڭ بورىنىدا 28 ئادەم ئۆلدى.

فۇجىيەن ئۆلكىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10گە يەتكەن بولسا، بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك ھۆل-يېغىندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن تۆت كىشىدىن ھېلىھەم خەۋەر ئېلىنالمىدى.

تەيۋەندە پەيشەنبە كۈنى بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، 50 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان تەيفېڭ بورىنى، جۈمۈ كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدا كۈچلۈك ھالدا چىقىشقا باشلىغانىدى.

مېرانتى ناملىق تەيفېڭ بورىنىدىن كېيىن تەيۋەننىڭ شەرقىي ساھىللىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان تەيفېڭ دولقۇنى «مالاكاس»نىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فۇجىيەن بىلەن جېجىياڭ ئۆلكىلىرىدىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

سائەتلىك تېزلىكى 198 كىلومېتىرغا يەتكەن مالاكاس تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبىدا مەكتەپ ۋە ئىش ئورۇنلىرى تاقىۋېتىلگەندىن باشقا، رايوندىكى 183 ئايروپىلان سەپىرى بېكار قىلىندى. خىتاينىڭ شەرقىدىكى بەزى ئۆلكىلەردە  يەنە بىر تەيفېڭ بورىنى دولقۇنىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىغا قارشى «قىزغۇچ ئاگاھلاندۇرۇش» ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر