گېرمانىيەدە ئاشقۇن ئوڭچىللار بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ شەرقىدىكى بائۇتزېن شەھىرىدە ئاشقۇن ئوڭچىللار بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

571383
گېرمانىيەدە ئاشقۇن ئوڭچىللار بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرقچى شوئارلارنى توۋلىغان ئاشقۇن ئوڭچىللار بىر مەيداندا ئولتۇرۇۋاتقان كۆچمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

ساقچىلار كۆچمەنلەرنى قوغداپ ئۇلار تۇرۇۋاتقان ياتاق بىناسىغا ئېلىپ باردى.

ئىرقچى نامايىشچىلار ياتاق بىناسىغا تاش ئاتتى، يارىدار بىر كۆچمەننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى توسۇۋېلىشقا ئورۇندى.

ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە يېقىندىن بۇيان ئاشقۇن ئوڭچىللارنىڭ كۆچمەنلەرگە قارىتا ھۇجۇملىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر