ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان يېڭى قانۇن لايىھەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

571189
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 11- سېنتەبىر ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سونۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تەقدىردە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادنى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل دۇنيادا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاۋاتقان بىرلەشمىلەرنى ئاجىزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى شۇنداقلا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنىنىڭ ‹دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللىشىنىڭ نەزەر دائىرىنىڭ تارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ سىياسىي قائىدىلەرگە زىت پوزىتسىيەسىنىڭ مەنتىقتىن يىراق بىر خىل خاتالىق ئىكەنلىكى› توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلدى.

ئىياد مەدەنى، ئەقىل ۋە ھېكمەتنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ پەقەت تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنىلا ئەمەس، ئوخشاشلا دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بۇ قورقۇنچلۇق قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، 11- سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھۇجۇملاردا سەئۇدى ئەمەلدارلارنىڭ رولى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش بىلەن ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشلىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئامېرىكىدىكى 750 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مال – مۈلۈكلىرىنى ساتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىلىرى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە ئىدى، ھەتتا، ئوباما دائىرىلىرىمۇ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن لايىھەنى ماقۇللىماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئامېرىكىغا قارشى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوتلاش جەريانلىرى باشقا دۆلەتلەردىمۇ باشلىنىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئامېرىكا باياناتچىسى جوش ئېرنېست مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا بايانات بېرىپ، بۇ قەدەمنىڭ «خالانمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى» نىڭ بارلىقىنى، ئوبامانىڭ لايىھەنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىشى ئۈچۈن 10 كۈن ۋاقتى بار. لايىھەنى رەت قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئوباما، بۇنى 10 كۈن ئىچىدە رەت قىلمىغان تەقدىردە، لايىھە ئاپتوماتىك ھالدا قانۇنلىشىپ كېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر