گىرېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئافغانىستانلىق ۋە شىمالىي ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر ئارىسىدا جېدەل چىقتى

گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدا تۇرۇۋاتقان ئافغان كۆچمەنلەر بىلەن شىمالىي ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر ئارىسىدا يېرىم كېچىدە جىدەل چىقىپ كۆپ ساندا كۆچمەن يارىلاندى.

571193
گىرېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان ئافغانىستانلىق ۋە شىمالىي ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر ئارىسىدا جېدەل چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جېدەل ئەسناسىدا يارىلانغان كۆچمەنلەر مورىئا لاگېرىدىكى داۋالاش ئورنىدا داۋالاشقا ئېلىندى. ۋەقە ئەسناسىدا لاگېردىن چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كۆچمەن كېچىنى ئارالنىڭ مەركىزىدىكى باغچىلاردا ئۆتكۈزدى.

بۇ جەرياندا، ساكىز ئارىلىدىكى كۆچمەنلەرگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى ئەسناسىدا يارىلانغان ئىككى كىشى بالنىستقا ئېلىندى؛ ساقچىلارنىڭ كۆچمەنلەر لاگېرىغا قاراپ يۈرۈشكە ئاتلانغان نامايىشچىلارنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى مىدىللى ئارىلىدا ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئارالدىن يۆتكىۋېتىلىشى تەلىپىگە قارشى نامايش ئۆتكۈزۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر