نىيۇ يوركتا كوچا ئوتتۇرىسىدا بىر مۇسۇلمان ئايالغا ئوت قويۇپ بەردى

مۇسۇلمانلارغا ئارقىمۇ - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلمەكتە.

570746
نىيۇ يوركتا كوچا ئوتتۇرىسىدا بىر مۇسۇلمان ئايالغا ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ئىسلامدىن نەپرەتلىنىش ئېقىمى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى.

نىيۇ يوركتا بولسا، بىر مۇسۇلمان ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. كوچا ئوتتۇرىسىدا مۇسۇلمان ئايالغا ئوت قويۇپ بەردى.

مۇسۇلمانلارغا ئارقىمۇ - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلمەكتە.

بۇ قېتىم ئورلاندو ئىشتاتىدا بىر جامەگە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا جامەدە ئادەم بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن چوڭ بىر پاجىئە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىپ قالدى.  بىراق جامەنىڭ بىناسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

نىيۇ يوركتا بولسا، بىر مۇسۇلمان ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. كوچا ئوتتۇرىسىدا مۇسۇلمان ئايالغا ئوت قويۇپ بېرىپ، يارىدار قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.  ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 36 ياشلىق مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئېغىر يارىدار بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھۇجۇم قىلغان كىشىنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر