ئامېرىكىنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى جەنۇبىي كورېيە ئاسمىنىدا ئۇچتى

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىغا ۋە يادرو قورال سىنىقىغا قارشى «B-1B» تىپلىق ئىككى دانە ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمان ئايروپىلانىنى، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇردى.

570306
ئامېرىكىنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانى جەنۇبىي كورېيە ئاسمىنىدا ئۇچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئاسمىنىدا «B-1B» تىپلىق ئىككى دانە ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بېرىلگەن كاپالەتنى ھەممىنىڭ سەمىگە سېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى پات-پات تەكرارلايدىغانلىقى تەكىتلەندى. باياناتتا يەنە، شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەشىنچى قېتىم يادرو سىنىقى قىلغان شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ شىمالىي كورېيەگە قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.

1950-يىلدىن 1953-يىلىغىچە ئۈچ يىل داۋام قىلغان كورېيە ئۇرۇشى تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە 28 مىڭ، ياپونىيەدە ئونمىڭلارچە ئەسكىرى بار.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر