ھىندىستان خەلقى ئۆلگەن پىللار ئۈچۈن ئالاھىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ھىندىستان خەلقى پىللارنىڭ جانسىز بەدەنلىرىنى گۈل چېچەكلەر بىلەن بېزەپ ماتەم تۇتتى.

569283
ھىندىستان خەلقى ئۆلگەن پىللار ئۈچۈن ئالاھىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان خەلقى يۇقىرى بېسىملىق توك سوقىۋېتىش تۈپەيلى ئۆلگەن 2 پىل ئۈچۈن ئالاھىدە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ھىندىستاننىڭ غەربى بىنگال ئۆلكىسىدە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى لېنيەسى ئەتراپىدىن ئۆتىۋاتقان پىللاردىن ئىككىسى ئۆلگەن ئىدى. 

ئۆلۈمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە پىللارنىڭ توك سوقۇۋېتىش تۈپەيلى ئۆلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتى.

ھىندىستان خەلقى پىللارنىڭ جانسىز بەدەنلىرىنى گۈل چېچەكلەر بىلەن بېزەپ ماتەم تۇتتى.

ھىندىستاندا نوپۇسنىڭ  ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋايى ھايۋانلار ھايات كەچۈرىدىغان تەبىئىي مۇھىت بارغانسىرى تارىيىپ كەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر