باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى مەلۇم بىر سودا-سېتىق مەركىزىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى.

568785
باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 16 ئادەم ئۆلدى، 40تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

باغدادنىڭ شەرقىدىكى مەلۇم بىر سودا-سېتىق مەركىزى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

دەسلەپكى پارتلاشتا ئەتراپقا توختىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارپارتىلتىلدى، ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشنى بىر ئادەم بومبا سادىر قىلدى.

نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇدۇلىغا سېلىنغان سودا-سېتىق مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا. باغدادتا دائېشنىڭ پۇقرالار بىلەن خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر