تېھران بىلەن رىياد ئارىسىدىكى «ھەج» سوغۇقچىلىقى قايتىدىن باش كۆتۈردى

ئۆتكەن يىلى ھەج مەزگىلىدە كۆرۈلگەن قىستاڭچىلىق ۋەقەسى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىگە سوغۇق سۇ سېپىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

566349
تېھران بىلەن رىياد ئارىسىدىكى «ھەج» سوغۇقچىلىقى قايتىدىن باش كۆتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 2426 ئادەمنىڭ 464 ىنىڭ ئىران پۇقراسى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن دىنىي لىدېر ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، رىياد دائىرىلىرىنى ھاجىلارنى داۋالاشنىڭ ئورنىغا كونتېينېرلاردا ئۆلۈمگە تەرك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، «قەلبسىز ۋە قولى قانلىق سەئۇدىيلىقلار يارىدارلارنى داۋالاش ۋە سۇ بېرىشنىڭ ئورنىغا كونتېينېرلاردا ئۆلۈمگە تەرك قىلدى، ئۇلارنى ئۆلتۈردى.» دېدى.

تېھران دائىرىلىرىمۇ بۇ يىل بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۇقرالىرىنى مۇبارەك زېمىنلارغا ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە مۇھەممەد بىن نايىف بولسا، ئىران دائىرىلىرىنى پۇقرالىرىنى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەبيىلدى؛ سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەج مەۋسۇمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان شاھزادە مۇھەممەد، ئىراننىڭ ھەج ئىبادىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ۋە ئىسلامىي كۆرسەتمىلەرگە زىت، ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق شەكىلدىكى شوئارلارغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇددىئاسىدىن ھالقىغان، ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ۋە روشەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شاھزادە مۇھەممەد، «ئىران ياكى باشقا بىر تەرەپنىڭ ھەج ئىبادىتىگە كۈلەڭگە چۈشۈرۈشىگە يول قويمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر