باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ قەررادە رايونىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

565948
باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ مەركىزى قەررادەدە يېرىم كېچىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنىڭ ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشتىن باشقا، 15 ئاپتوموبىلنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى، بەزى دۇكان، بىر قەھۋەخانا شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باغدادنىڭ قەررادە رايونىدا ئاخىرقى قېتىم ئىيۇل ئېيىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 250 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 200 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر