ئىراقتا بىر ئايال مىنىستىرنىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقتا تېخى يېقىندىلا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن بىر ئايال مىنىستىرنىڭ ئۆيى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

565699
ئىراقتا بىر ئايال مىنىستىرنىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تېخى يېڭىلا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان قۇرۇلۇش ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر مىنىستىرى ئەلئەۋسىنىڭ پايتەخت باغدادتىكى ئۆيى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «مىنىستىر ئەۋسىنىڭ ئۆيى قوراللىق تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۆيدە ماددىي زىيان كۆرۈلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «مىنىستىرنىڭ نىشانغا ئېلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەۋسى بۇنىڭدىن 20 كۈن ئىلگىرى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر