شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىگە زىياپەت بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە بەرگەن كەچلىك زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى.

565322
شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىگە زىياپەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىگە كەچلىك زىياپەت بەردى. زىياپەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن مېھمانلارنى مېھمانخانىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىدا قارشى ئالدى، ئارقىدىن مېھمانلار فوتۈ – سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن تەييارلانغان زالغا كىردى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرىتىگە چۈشكەندىن كېيىن، زىياپەت باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ زىياپەتكە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر