پاكىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىدىكى خىرىستىيانلار ياشايدىغان بىر مەھەللىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

563760
پاكىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا خىرىستىيانلار ياشايدىغان بىر مەھەللىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا، بىر ئامانلىق خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى ئەسكەر، بىر ساقچى بولۇپ، جەمئىي بەش ئادەم يارىلاندى. ھۇجۇم پېشاۋۇر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەردى. بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان ھۇجۇمچىلار خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشتى. توقۇنۇشتا، تۆت ھۇجۇمچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا پاكىستاندىكى تالىبانغا چېتىشلىق «جاماتۇل ئاھرار» تەشكىلاتى جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر