گېرمانىيە كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسى ئۈچۈن قويغان شەرتى، گېرمانىيەنى يېڭى قارار ئېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

563790
گېرمانىيە كەينىگە چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئىيۇن ئېيىدا ئالغان ۋە ئاتالمىش 1915-يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغان قارارىدىن كەينىگە چېكىنىشى پەرەزقىلىنماقتا.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دېر سپېگېل ژۇرنىلى»، ھۆكۈمەتنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى بىلەن ئارىسىغا مۇساپە قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ژۇرنالدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرتنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنىڭ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىشى توغرىسىدا كېلىشكەن. بۇنداق بولغاندا، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن سېيبېرت بۇ قارارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئورنى يوق «سىياسىي بايانات» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىكەن.

گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە جاۋاب قايتۇرىدىكەن.

تۈركىيە ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا مۇشۇنداق شەرت قويغان ئىدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىنى «ياخشى پىكىر» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ 1915-يىل ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختالغاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر