يەنە بىر توي مۇراسىمىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

20 – ئاۋغۇستتا غازىئانتەپتىكى بىر توي مۇراسىمىنى قانغا بويىغا ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئوخشاش بىر ھۇجۇم ئىراقتا مەيدانغا كەلدى.

561429
يەنە بىر توي مۇراسىمىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ırak düğünde intihar saldırısı 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى بىر توي مۇراسىمى ئەسناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىدىن باشقا كالاشنىكوف ۋە قول بومبىلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن مەزكۇر ھۇجۇمدا 26 ئادەم يارىلاندى.

ساقچى دائىرىلىرى، ھۇجۇمچىلارنىڭ بەش كىشىدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆزىنى پارتلاتقانلىقىنى، ئۈچىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ بەزىلىرى پۇقراچە، بەزىلىرى ھەربىيچە كىيىنىۋالغان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر