ئىتالىيەدە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئېغىر زىيان كۆرۈلدى

ئىتالىيەنىڭ ئاككۇمولىدا چارشەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە قاز قىلغانلارنىڭ سانى 278گە يەتتى.

560230
ئىتالىيەدە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئېغىر زىيان كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمنىڭ 140 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئاككۇمولىدا چارشەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە مەيدانغا كېلىپ تەخمىنەن 20 سىكۇنت داۋاملاشقان 6.2 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 278گە يەتتى.

يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ ئاران 180نىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى، بۇلارنىڭ 21ى بالا ئىكەن.

قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئەنگلىيەلىك، رومنىيەلىك ۋە كانادالىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەسئۇللار، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

6.2 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن قالدۇق يەر تەۋرەشلەر يۈز بەرمەكتە، 3كۈن ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، قالدۇق يەر تەۋرەشلەر ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگىمۇ توسالغۇ بولماقتا.

گىئولوگلار يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئاككۇمولى ناھىيەسىنىڭ 20 سانتېمىتىر پەسلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھادىسىسىنىڭ ئىتالىيەنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر