ئامېرىكا پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پ ك ك نىڭ شىرناقنىڭ جىزرە ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىتى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

560368
ئامېرىكا پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى نېد پرايس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى بىر ساقچىخانىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېدى.

پرايس تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئارتۋىننىڭ شاۋشات ناھىيەسىدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھەمدە پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە ھەمراھىمىز تۈركىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمىشە ئالاقە ئورنىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق يەنە بىر قېتىم ۋەدە بېرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر