ئىتالىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 267 گە يەتتى

ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يۈز بەرگەن ۋە تەخمىنەن 20 مىنۇت داۋاملاشقان 6.2 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 267 گە يەتتى.

559951
ئىتالىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 267 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پۇقراۋى قوغدىنىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەشتە 400 گە يېقىن كىشى يارىلانغان بولۇپ، يارىلانغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى تۈن بويى داۋاملاشقان بولۇپ، كېچە بويىچە قالدۇق يەر تەۋرەشلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن. يەر تەۋرەشتىن كېيىن دۆلەتتە ماتەم ئېلان قىلىنغان، بايراق يېرىم چۈشۈرۈلگەن.

باش مىنىستىر ماتتې رېنزىمۇ ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سورىغان ھەمدە ئۇلارغا ياردەم بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.

ئىتالىيەنىڭ «‹ Rainews2› تېلېۋىزىيە قانىلى» مۇ يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن باش مىنىستىر رېنزىنىڭ مىنىستىرلار كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرغانلىقىنى، يەر تەۋرەش رايونىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە رايونغا دەسلەپكى قەەمدە 50 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ 2009 – يىلى 6 – ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن ۋە 308 كىشى ئۆلۈپ كەتكەن يەر تەۋرەشتىنمۇ ئېغىر بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر