ئىتالىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 240 تىن ئاشتى

ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مەيدانغا كەلگەن 6.2 بال يەر تەۋرەش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 240 تىن ئاشتى.

558838
ئىتالىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 240 تىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مەيدانغا كەلگەن 6.2 بال يەر تەۋرەش ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 240 تىن ئاشتى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 370 كە يەتتى.

يەرنىڭ 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا مەيدانغا كېلىپ 20 سىكۇنت داۋاملاشقان تەۋرەش پايتەخت رىمدىمۇ ھېس قىلىندى.

يەر تەۋرەشتە ئاماترىچې، ئاككۇمولى بىلەن ئاركۇاتا دېل تۇرونتو بازارلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. نۇرغۇن ئادەم خارابىلىك ئاستىدا قالغان ئاپەت رايونىدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا. مۇتەخەسسىسلەر، يەر تەۋرەشتىن كېيىن قالدۇق تەۋرەشلەر توغرىسىدا خەلقنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن باش مىنىستىر مېتتېئو رەنزى، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى بېكىتىشتە قىيىنچىلىق كۆرۈلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئىچكى كابېنتنىڭ بۈگۈن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئاپەت توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىتالىيەدە ماتەم ئېلان قىلىندى؛ قۇربانلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پۈتكۈل دۆلەت ئورگانلىرىدىكى بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلۈشى قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر