ئىراق ئارمىيەسى قەييارەنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر، ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرى ئەتراپىدىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

559205
ئىراق ئارمىيەسى قەييارەنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بومباردىماندىن كېيىن، ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ 70 كىلومېتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە قەييارە رايونىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالدى.

ئىراق ئارمىيەسى، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا مۇسۇلنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن مارت ئېيىدىن بۇيان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر