ھۇرمۇز بوغۇزىدا يېڭىدىن ئىران – ئامېرىكا يىرىكچىلىكى يۈز بەردى

ئامېرىكا، ئىراننىڭ تۆت خەۋپسىزلىك كېمىسىنىڭ بەسرە قولتۇقىدا بىر ئامېرىكا پاراخوتىغا دەخلى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

559193
ھۇرمۇز بوغۇزىدا يېڭىدىن ئىران – ئامېرىكا يىرىكچىلىكى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتلىرىنىڭ تۆت بىخەتەرلىك كېمىسىنىڭ مەخسۇس راكېتامىيوت يوقىتىپ تاشلىغۇچى USS نىتزې ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك كېمىلەر بىلەن خەتەرلىك ھالەتتە يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ كېمىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ھاۋاغا 10 قېتىم ئوق چىقارغانلىقىنى، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ چېلىنغانلىقىى ئەسكەرتكەن مەزكۇر ئەمەلدار، نىتزې ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ سىمسىز ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئىران كېمىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كېمىلەرنىڭ ئىككىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماستىن پاراخوتقا 274 مېتىر كېلىدىغان يەرگىچە سۈرئىتىنى ئاستىلاتماستىن يېقىنلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى، نىتزېنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

دېڭىز قىسىملىرى ھەرىكەت باشلىقى ئادمېرال جون رىچاردسون، ۋەقەنىڭ ئامېرىكا دېڭىزلاردا دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى ۋە تېھران بىلەن دېڭىزدىكى سۈركىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىران ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا ھۇرمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايدا بومبا سىناق قىلغان بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەن بومبىلار ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى USS ھارري س.ترۇماننىڭ 1370 مېتىر يىراقلىقىغا چۈشكەنىدى. ئىران ئارمىيەسى بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۈستىدىن قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئۇچۇرتقانىدى.

ئىران، 12 – يانۋاردا بەسرە قولتۇقىدىكى فارسى ئارىلىغا يېقىن بىر جايدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كېمىسى بىلەن ئۇنىڭدىن بىرى ئايال جەمئىي 10 ئەسكەرنى ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇتۇۋالغان، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە قەستەن كىرمىگەنلىكى قەيت قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر