جەرابلۇس ھەربىي ھەرىكىتىدە يارىدار بولغان سۈرىيەلىك ئەسكەرلەر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

جەرابلۇس شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىدىن 3 نەپىرى تۇقۇنۇش ئەسناسىدا يارىدار بولدى.

558531
جەرابلۇس ھەربىي ھەرىكىتىدە يارىدار بولغان سۈرىيەلىك ئەسكەرلەر تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا يارىدار بولغان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 3 ئەسكەر داۋالاش ئۈچۈن غازىئانتەپكە ئېلىپ كېلىندى.

ئەتىگەن سەھەردە رايوندىكى دائېش ئۇنسۇرلىرىغا قارشى «فىرات قالقىنى» دېگەن نام باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى.

جەرابلۇس شەھىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىدىن 3 نەپىرى تۇقۇنۇش ئەسناسىدا يارىدار بولدى.  

يارىدار ئەسكەرلەر داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى ۋە غازىئانتەپ دوختۇرخانىسىدا باشلنېستقا ئېلىندى. 

 
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر