تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كاتىۋاشلىرىدىن ئەبۇ بەكىر مۇبى، مالام نۇھۇ ۋە مالام ھامماننىڭمۇ ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

557713
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.

نېگىرىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەردە تەشكىلاتنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن ئەبۇ بەكىر شېكائۇنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كاتىۋاشلىرىدىن ئەبۇ بەكىر مۇبى، مالام نۇھۇ ۋە مالام ھامماننىڭمۇ ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 300 گە يېقىن تەشكىلات ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

نېگىرىيەدە 2000 – يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ كاتىۋېشى مۇھەممەد يۈسۈپ تۈرمىدە ئۆلگەندىن كېيىن، 2009 – يىلىدا ئومۇمىي يۈزلۈك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان ئىدى. 

نېگىرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، ھەرىكەتلىرىنى چېگرا قالقىغان ھالدا قوشنا دۆلەت كامېرۇن، بەنىن، چاد ۋە نېگىرىيەگە يۈزلەندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر