تۇنىستا مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىقىلدى

يېڭى ھۆكۈمەتتە 6 نەپەر ئايال ئەزادىن باشقا يەنە 35 ياشتىن كىچىك 5 مىنىستىرنىڭمۇ بارلىقى دىققەتنى تارتتى.

556244
تۇنىستا مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىقىلدى

مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا تەيىنلەنگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەر باشلىقى يوسوف شاھىد كارتاجا سارىيىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، 26 مىنىستىردىن تەشكىل تاپقان يېڭى ھۆكۈمەت تېزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 
يوسوف شاھىد ئىچكى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى جاكارلىدى. ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرلىرىدە بارلىق ساياسىي پىرقىلەر ۋە ئورگانلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.  
يېڭى ھۆكۈمەتتە 6 نەپەر ئايال ئەزادىن باشقا يەنە 35 ياشتىن كىچىك 5 مىنىستىرنىڭمۇ بارلىقى دىققەتنى تارتتى. 
يېڭى ھۆكۈمەتتە قاتناش، ساياھەت، تاشقى ئىشلار ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقلىرىغا نىدا تۇنىس پارتىيەسىدىن مىنىستىرلار تەيىنلەندى. سانائەت، سودا، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسپىي خادىم تەربىيەلەش، ئۇچۇر – ئالاقە، تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىلىرىغا بولسا، نەھدا پارتىيەسىدىن مىنىستىرلار تەيىنلەندى. سەھىيە ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىلىرىغا ئافاق تۇنىس پارتىيەسىدىن مىنىستىرلار تەيىنلەندى. 
تۇنىستا پىرېزىدېنت ئەل باجى قائىد ئەس سىبسى  2 - ئىيۇندا مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش مۇزاكىلىرى ساق 2 ئاي داۋاملاشتى. ئارقىدىن 30 - ئىيۇلدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەبىب ئەس سىيد ھۆكۈمىتىگە بولغان پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازى چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتى ئىككىنچى باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر