ترامپنىڭ مۇھىم ئادىمى سىرى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ سايلام رىقبىتى ئىشلىرى مەسئۇلى پول مېنېفورت ئۇكرائىنا بىلەن مەخپىي سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

555741
ترامپنىڭ مۇھىم ئادىمى سىرى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مېنېفورتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

مېنېفورتنىڭ شىركىتىنىڭ 2012 – 2014 – يىللىرى ئۇكرائىنانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رۇسپەرەس ھۆكۈمىتى نامىدىن ۋاشىنگتوندا مەخپىي لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

ئۇكرائىنالىق بىر پارلامېنت ئەزاسىمۇ بۇنىڭ راستلىقىنى، قوللىرىدا مېنېفورتنىڭ بىرقانچە يىل شۇ مەزگىللەردىكى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىدىن پارا ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەر بارلىقىنى جاكارلىغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ترامپنىڭ سايلام رىقابىتى ئىشلىرى ئەترىتىنى قايتىدىن تەڭشىشىگە مېنېفورتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

ترامپ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە سايلام رىقابىتى ئىشلىرى مەسئۇللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئالماشتۇرغانىدى. بىراق ترامپنىڭ مېنېفورتنى داۋاملىق سايلام رىقابىتى ئىشلىرى مەسئۇللۇقىدا قالدۇرۇشى كۈتۈلۈۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر