ھەلەبتە ئۇمراننىڭ يېشىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق سەبىي ئېچىنىشلىق ئازاب ئىچىدە ياشىماقتا
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇستەقىل فوتو – سۇرەت مۇخبىرى ماھمۇد رىسلان تارتقان 5 ياشلىق ئۇمراننىڭ كۆرۈنۈشلىرى پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى(UNICEF) نىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى ئانتونىي لەك سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە، بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان ئۇمران داكنەسكە ئوخشاش 100 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالىنىڭ ئۇرۇش قۇربانى بولىۋاتقانقىلىقىنى ئېيتتى.
ئانتونىي لەك يازما باياناتىدا 5 ياشلىق ئۇمراننىڭ رەسىملىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ كىچىك بالىلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەلەپتە ئۇمرانغا ئوخشاش 100 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالا ھېچ بىر ئۆسمۈر دۈچ كەلمەسلىكى كېرەكلىك بولغان ئېچىنىشلىق ئازابلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بىز ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىز لازىم. بىراق پەقەتلا ھېسداشلىق قىلىش ۋە بۇ ئازابلارغا سەۋەب بولغانلارغا غەزەپ - نەپرەت بىلدۈرۈش كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ ھېس – تۇيغۇلىرىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۈرىشىمىز لازىم» دېدى.
ئانتونىي لەك سۈرىيەدە ئۇمراننىڭ يېشىدىكى سەبىيلەرنىڭ ھاياتىدا، چوڭلار باشلىغان قۇرقۇنچلۇق ئۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇرۇشنى باشلىغانلاردىن كىچىك گۆدەكلەرگە نىسبەتەن قورقۇنچلۇق چۈشكە ئايلانغان بۇ ئۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇمران داكنەس سۈرىيە قىسىملىرى ياكى رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ھەلەبنىڭ ئەل كاتېرجى مەھەللىسى بومباردىمان قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىدار بولغان ئىدى. خەلق قۇتقۇزۇش ئەترىتى بومباردىماندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدىن ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇمران داكنەسنىڭ قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىلىدا يۈزىدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئەتراپقا بېقىشلىرى تارتىلغان ۋېدىئو كۆرىنىشى، ئايلان بۇۋاقنىڭ ئارقىدىن سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ سىېمۋولىغا ئايلانغان ئىدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇستەقىل فوتو – سۇرەت مۇخبىرى ماھمۇد رىسلان تارتقان بۇ كۆرۈنۈشلەر پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىباتلىقى باياناتچىسى فەرھان ھەق، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ھەلەبتە 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن قارارىدىن كېيىن، ب د ت نىڭ بارلىق ئورگانلىرى بىلەن رايونغا ياردەم يەتكۈزۈشكە تەييار ھالەتتە ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭمۇ بۇ ئۇرۇش توختىتىشقا رېئايە قىلىشقا كاپالەت بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان فەرھان ھەق، قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار ئۈستىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ گۇرۇپپىلارنى ئۇرۇش توختىتىشقا قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
فەرھان ھەق 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.