جىبۇتى چوڭ كۈچلەرنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش رىقابەت سەھنىسىگە ئايلاندى

ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى جىبۇتى، رايوندا نوپۇزىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقان چەت كۈچلەرنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش رىقابىتىگە سەھنە بولماقتا.

554533
جىبۇتى چوڭ كۈچلەرنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش رىقابەت سەھنىسىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) بىلەن ھىندى ئوكياننى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قىزىل دېڭىز – ئەدەن بوغۇزى لىنىيەسىنىڭ ئۆتۈش نۇقتىسىدىكى بابۇلمەندەب بوغۇزىغا جايلاشقان جىبۇتىدا نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەنىڭ ھەربىي بازىسى بار بولۇپ، ئۇ يەرگە خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئايرىم – ئايرىم ھالدا بازا قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

830 مىڭ نوپۇس ۋە 23 مىڭ كۇادېرات كىلومېتىر يەر كۆلىمىگە ئىگە جىبۇتى، سودا پاراخوتلىرى ئەڭ كۆپ قاتنايدىغان روتالارنىڭ بىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلكىدىكى پورتلار سايىسىدا شەرقىي ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سودا دەرۋازىسى بولۇش رولىنى ئوينىماقتا.

جىبۇتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش چەت دۆلەتلەرنى سومالى ۋە يەمەندىكىگە ئوخشاش رايوندىكى ۋەقەلەرگە ئاسانلا مۇداخىلە قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىنمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جىبۇتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھەربىي بازىلارنى ئىجارىگە بېرىش بولۇپ، بۇ ساھەدىن يىلدا ئوتتۇرىچە 160 مىليون دوللار كىرىم قىلىدۇ.

ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا بارلىق نامزاتلارنىڭ ۋەدىسىنىڭ «دۆلەتتىكى چەت ئەل ھەربىي بازىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش» بولۇشى دىققەتنى تارتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر