گېرمانىيە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «بايرىمى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان «بايرىمى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

554346
گېرمانىيە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «بايرىمى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «بايرىمى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى؛ گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن 3 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان «خەلقئارا كورد مەدەنىيەت بايرىمى» بىخەتەرلىك مەسىلىسى نەزەردە تۇتۇلۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

كۆلن ساقچىلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رېينېنېرگىې تەنتەربىيە زالىدا «ئۆجالان ئۈچۈن ئەركىنلىك» دېگەن نام ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان پائالىيەت كۈچلۈك بىخەتەرلىك خەۋپى تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پائالىيەتتە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش بەزى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس يولى ئارقىلىق ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر