گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مېدىيالارنى تۈركىيە توغرۇلۇق تەتۈر تەشۋىقات قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدىكى مېدىيالارنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق تارقاتقان ئاساسسىز خەۋەرلىرىنى تەنقىد قىلدى.

554159
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مېدىيالارنى تۈركىيە توغرۇلۇق تەتۈر تەشۋىقات قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان تەتۈر تەشۋىقات خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى تەنقىد قىلدى.

گېرمانىيە ھۈكۈمەت باياناتچىسى سىتېفېن سېيبېرت، گېرمانىيە مېدىياسىدىكى تۈركىيەگە قارىتىلغان تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ۋە تۈركىيەنى«تېررورىزىمنى قوللاش»بىلەن ئەيىبلەشلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە بىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىتتىپاقدېشىمىز بولۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.»

سېيبېرت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ARD تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتا سورىغان سوئالىغا  بەرگەن جاۋابىنى خەۋەر قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە ھاماسقا ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قوللىشىنى «ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاش»دېگەن تەرىقىدە بۇرمىلىشى ئۈستىدە توختىلدى.

بىر سول پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى سورىغان سوئالىغا ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن جاۋابىدىكى بەزى مەلۇماتلارنىڭ يوشۇرۇن تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن مەزمۇنى توغرۇلۇق ئىزاھات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان سېيبېرت، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مېدىيادا خەۋەر قىلىنغان تۈركىيە توغرۇلۇق خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر رايونغا جايلاشقانلىقىنى، نۇرغۇن قېتىم ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن سىتېفېن سېيبېرت مۇنداق دېدى:

«بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتتۇر.»

رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم تۈركىيە، ھەم گېرمانىيە ھەمدە ياۋروپاغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى، بۇ تەھدىتكە پەقەت خەلقئارا ساھەدە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىتتىپاقداش بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى ساۋسان چەبلىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە توغرۇلۇق پارلامېنتتا سورالغان سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلارنى تەييارلاشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ سورالمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مېدىيالاردا تۈركىيە توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى قوبۇل قىلالمايمىز.»

تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا پات-پات پىكىر ئوخشىماسىقى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان چەبلى، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ ناتو ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش مەسىلىلەردە نامايەن بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جوھاننېس دىمروس، مىنىستىرلىق تەرىپىدىن تەييارلانغان  تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا بەرگەن جاۋابنىڭ، ئالاقىدار باشقارمىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى سورالماستىن، فېدرال مەجلىسكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

دىمروس گېرمانىيەگە نىسبەتەن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىمىز نۇقتىسىدىنمۇ تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.»

تۈركىيە بىلەن بىخەتەلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بەزىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېتيقان دىموروس مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيانقى ھەمكارلىقىمىزدا كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلدى.»

دىمروس گېرمانىيە دائىرلىرىنىڭ قانۇن دۆلىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بەزى مەسىلىلەردە سەزگۈر بولۇشلىرى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىمۇ مۇشۇ بويىچە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر