FBI ترامپقا «يوشۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى» بويىچە دوكلات بەردى

ئامېرىكا فىدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى – FBI، جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپقا «يوشۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى» توغرىسىدا دوكلات بەردى.

554362
FBI ترامپقا «يوشۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى» بويىچە دوكلات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا جۇمھۇرىيەتچى قاناتتىن ئىشتىراك قىلىدىغان پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپقا نىيۇ يوركتىكى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىناسىدا «يوشۇرۇن دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى» توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى.

فىدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى – FBI  بىناسىغا كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا كىرگەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ بىرى قىسىم مەسلىھەتچىلىرى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان دوكلاتىغا قۇلاق سالدى.

پىرېزىدېنت باراك ئوباماغىمۇ 2008 – يىلىدىكى سايلاملاردىن ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوكلات بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلىشقان مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر، بۇ خىل يىغىنلاردا دۇنيادىكى قىزىق ئۆزگىرىشلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

دونالد ترامپ، فىدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى – FBI  دىكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدىن ئىلگىرى نيۇ يوركتىكى سايلام مەركىزىدە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، نۇقتىلىق ھالدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر