ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئېشتىن كارتېر سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

553107
ئامېرىكا تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەدىكى مۇنبىچ ناھىيەسىنىڭ دائېشتىن ئازاد قىلىنىشى نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان كۈچلەرنى تەبرىكلىگەن كارتېر <مۇنبىچتا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە رەققەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ۋە سۈرىيەدىكى كېيىنكى نىشانىمىز بولغان رەققەنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن،  بۇ ھالقىلىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن،  تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن> دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر