ئاۋسترىيەدە پ ك ك ئەزالىرى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىناسىغا بېسىپ كىردى

بىر گۇرۇپپا پ ك ك تېررورچىلىرى بىخەتەرلىك توسمىلىرىدىن ئۆتۇپ، تېلېۋزىيە بىناسىغا بېسىپ كىردى ۋە باياناتلىرىنىڭ خەۋەرلەردە ئوقۇلىشىنى تەلەپ قىلدى.

553202
ئاۋسترىيەدە پ ك ك ئەزالىرى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىناسىغا بېسىپ كىردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىناسىغا بېسىپ كىردى.

ئاۋسترىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ORF» نىڭ مەركىزى بىناسىغا بېسىپ كىرگەن تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى مەجبۇرلاپ بايانات ئوقۇتماقچى بولدى.

ئاۋسترىيە مەتبۇئاتلىرىغا چىققان خەۋەرلەرگە كۆرە، تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 15 نەپەر قوللىغۇچىسى جۈمە كۈنى دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ORF» نىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېمۋوللىرىنى كۆتۈرىشىۋالغان گۇرۇپپا، تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى ئابدۇللاھ ئوجالاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن بىر گۇرۇپپا تېررورچىلار بىخەتەرلىك توسمىلىرىدىن ئۆتۇپ، تېلېۋزىيە بىناسىغا بېسىپ كىردى ۋە باياناتلىرىنىڭ خەۋەرلەردە ئوقۇلىشىنى تەلەپ قىلدى. بىراق نەخ مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار باياناتنى ئوقۇتماستىن گۇرۇپپىنى سىرتقا قوغلاپ چىقاردى.

قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزگەن گۇرۇپپىنىڭ قولغا ئېلىنمىغانلىقى ۋە پەقەت ئۇلار ھەققىدە ئەرز سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر