خىتاي بىر سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

خىتاينىڭ Micius ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

552793
خىتاي بىر سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي Micius ناملىق دۇنيادىكى تۇنجى كۇانتۇم يىراق مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.

خىتاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان جىيۇچۇەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن ئۇزۇن مۇساپىلىق 2D لىق توشىغۇچى راكېتا بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ناملىق كۇانتۇم يىراق مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئوربېتىغا قوندى.

ناھايىتى كەڭ دائىرلىك كۇانتۇم ئالاقە سىناقلىرى ئېلىپ بارىدىغان سۈنئىي ھەمراھ، خىتاينىڭ 2030-يىلدا قۇرۇشنى نىشان قىلغان دۇنيا كۇانتۇم يىراق مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش تورى خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ.

يەريۈزىدىن 500 كىلومېتىر يۇقىرىدا ئەڭ ئاز ئىككى ۋەزىپىسى بولغان 631 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھغا، لوگىكا پەلسەپىسى ساھەسىدە ئەڭ قەدىمىي ئۈچ سىستېمىنىڭ بەرپاچىلىرىدىن بىرى بولغان Micius ئىسىملىك خىتاي پەيلاسوپنىڭ نامى بېرىلدى.

خىتاي سىرتىدا، ئاۋسترىيە، سىنگاپور، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ كۇانتۇم يىراق مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش تېخنولوگىيەسى خىزمەتلىرى بار. كۇانتۇم سۈنئىي ھەمراھ خىزمەتلىرىنى 2011-يىلى باشلىغان خىتاي، بۇ لايىھەدە سىبەر بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر