چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ دوختۇرخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ يەمەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاججە شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىسى ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاججە شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 11 ئادەم ئۆلدى، 19 ئادەم يارىلاندى.
مەزكۇر دوختۇرخانا 2015 – يىلى ئىيۇلدىن بۇيان چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ھازىرغىچە 4611 كېسەلنى داۋالىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەن شەھىرىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي قانىتى، دەپ قارىلىۋاتقان ئىسلاھات پارتىيەسىنىڭ ئىككى رەھبىرى سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يەمەندە 2014 – يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا باشلانغان قوزغىلاڭدا 6400 دىن ئارتۇق ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى يېرىم مىليون كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا ياقلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان.