ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيەگە مەكتۇپ يوللىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنى، سۈرىيە كىرىزىسى توغرىسىدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋغا مەكتۇپ يوللىدى.

552273
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيەگە مەكتۇپ يوللىدى
islam işbirliği teşkilatı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئاتمە بازىرىدىكى لاگېرنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوبۇستا پارتلاش يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.

مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالىنستقا ئېلىنغان، يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر كىشىلەر بولسا، تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا يوللانغان.

پارتلاشنىڭ لاگېرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى، رايوندا كۆپ ساندا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن مەنبەلەر، ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

بۇ جەرياندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيەنى سۈرىيە كىرىزىسىگە تېز سۈرئەتتە سىياسىي چارە تېپىشقا چاقىردى؛ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بىر پارچە مەكتۇپ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋغا ئەۋەتىلدى. مەكتۇتپا، سۈرىيە كىرىزىسىگە تېزدىن سىياسىي چارە تېپىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

مەدەنىي مەكتۇپىدا: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە بىرىنچى قېتىملىق جەنۋە باياننامىسى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن، تېزدىن سىياسىي چارە تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.

مەدەنىي، سۈرىيە خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەنى كۈچلۈك ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچى كۈچلەر، 6 – ئاۋغۇستتا ھەلەبتە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگونى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر