غەننۇشى: «تۈركىيە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا رەھبەر بولۇشقا ھەقلىق»

تۇنىستىكى نەھزە ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى راشىد ئەل گاننۇسى دېموكراتىيە دەۋرىدە، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنىڭ دۆلەتنى ئارقىغا ئىتتىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر جىنايەت ۋە شەرمەندىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

550973
غەننۇشى: «تۈركىيە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا رەھبەر بولۇشقا ھەقلىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىستىكى نەھزا ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى راشىد ئەل غەننۇشى، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا رەھبەر بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئەرەب باھارى» دەپ نام ئولغان ۋەقەلەر جەريانىدا تۇنىستا دېموكراتىيەنىڭ يولغا قويۇلىشىغا چوڭ تۆھپە قوشقان نەھزا ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى راشىد ئەل غەننۇشى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت شايكىسى  (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نىسبەتەن غەرب ئەللىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەگە قارىتا «ئىككى يۈزلۈمچىلىك ۋە پۇرسەتۋازلىق» دەپ باھا بەردى.

راشىد ئەل غەننۇشى: «غەرب دۇنياسىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دەرھال ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە ئىدى. غەرب دۇنياسى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە كۆكرەك كىرگەن تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى قوللىشى لازىم ئىدى، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى تولىمۇ كۆڭۈل يېرىم قىلىدىغان، ئىككى يۈزلىمچىلىك، يېرگىنىشلىك ۋە پۇرسەتۋازلىق پوزىتسىيەسى بولدى» دېدى.

راشىد غەننۇشى تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ئېڭىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە تەڭ قارشى چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىققا لايىق بولغان تۈركىيە، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە رايوننىڭ رەھبىرى بولۇشقىمۇ ھەقلىقتۇر.  مانا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى (يېنىكاپىدىكى دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يېغىلىشى كۈنىنى كۆزدە تۇتماقچى)  مىليونلىغان كىشى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەلقنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى نامايەن قىلدى. بۇ ئاجايىپ كاتتا يېغىلىشنىڭ مەنزىرىسىگە ھەممىمىز ھەيران قالماي تۇرالمىدۇق»

تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە «دېموكراتىيە دەۋرىدە ئىكەنلىكىمىزنىڭ ۋە ھەربىي ئۆزگىرىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن غەننۇشى، دېموكراتىيە دەۋرىدە، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنىڭ دۆلەتنى ئارقىغا ئىتتىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر جىنايەت ۋە شەرمەندىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

غەننۇشى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ «گۈلەن بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ تولىمۇ ئارغۇنلۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر. قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ بىر ئەھۋالدۇر. بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغۇچى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرسى بولغان بۇ ئىسىمنى ياكى بىر سۇپەتنى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىر بەندە ئۈچۈن ئىشلىتىش قەتئىي جائىز ئەمەس» دېدى.

غەننۇشى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۇنىستىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىرەر تەلەپ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىرەر تەلەپ كېلىدىغان بولسا، تۇنىس ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال بۇ تەلەپنى ئورۇندىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاللاھىدە چاقىرىقتا بولىمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر