تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى 4 شەھەردە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تىراڭ، خۇاخىن، سۇرات تانى ۋە پۇكەت قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 35 كىشى يارىدار بولدى. يارىدار بولغانلار ئارىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

550497
تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى 4 شەھەردە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى 4 شەھەردە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تىراڭ، خۇاخىن، سۇرات تانى ۋە پۇكەت قاتارلىق شەھەرلەردە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 35 كىشى يارىدار بولدى. يارىدار بولغانلار ئارىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

تايلاند ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى پىياپان پىڭمۇئاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى بومبا ھۇجۇمىنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

پىياپان پىڭمۇئاڭ: «تايلاندنىڭ ھېچ قايسى تەرەپ بىلەن رايون خاراكېتىرلىك ياكى دىنى مەسىلىسى يوقتۇر. بۇنى بىر <ئىغۋاگەرچىلىك پائالىيىتى> دەپ قاراۋاتىمىز» دېدى.

ھەربىي رەھبەر پىرايۇت ئوچامۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پارتلاشنىڭ  ئارقىدا كىملەرنىڭ قولى بارلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خاتىرجەملىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا مەركەزلىشىمىز لازىم» دېدى.

17 – ئاۋغۇستتا پايتەخت بانكۇكنىڭ سودا مەركىزى راجپىراسوڭدىكى ئەراۋان بۇتخانىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 20 كىشى ئۆلۈپ، 120 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر